维语:已自动开启
3.قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە
4.پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا كىشىگە
5.سەن تاز دىگۈچە مەن تاز دەۋالاي
6.سەن تاش سانىساڭ، خەق قۇم سانايدۇ
7.غۇجامنىڭ غۇجىسى بار چامغۇر زەدەكنىڭ ئورىسى
9.ئۆزىنى سورىغان قازى ئالدىغا بارماپتۇ
10.ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامان
11.ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قوي
12.ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت قوشناڭنى ئوغرى تۇتما
13.كالىنىڭ قولىقىغا ساتار چالماق
14.بىر پەلەكتە ئون خەمەك، ھەر خەمەكنىڭ تەمى بۆلەك
15.ئىككى قوچقارنىڭ كاللىسى بىر قازاندا قاينىمايدۇ
16.يېڭى تۇغۇلغان مۇزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ
17.ئەلگە كىرسەڭ ئېلەڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە
18.ئەلچىگە ئۆلۈم يوق، جارچىغا كۆرۈم
19.ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە
20.ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتكىچە
21.قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا
22.ئېشەك ئۆلىۋاتسا، كۆتى غىجەك تارتىپتۇ
23.ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمنى
24.تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلەر، ئادەمنىڭ خۇيى ئۆزگەرمەس
25.توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا
26.كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە
28.كىشى يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول
29.نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق
30.ھۆرمەتتىن ئىتائەت ئەلا
32.قورققان ئاۋال مۇش كۆتۈرەر
33.ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، پالازغا يۆگىلىپ ھەپتە يېتىپتىمەن
34.تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغىلى بولمايدۇ
35.ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق
36.قازان بېشىدا بولساڭ، ئاغىزىڭ بالدۇر ئاشقا تېگىدۇ
37.بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ.
39.ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە
40.ئىت ئۈرەر،كارۋان يۈرەر