维语:已自动开启

ئاھ، مېنىڭ ساراڭ ئانام

站长 发布于 阅读:72

《疯娘》

ئاھ، مېنىڭ ساراڭ ئانام

作者:王恒绩

پەتتارجان مۇھەممەد تەرجىمىسى  

(ھېكايە)


23يىلنىڭ ئالدىدا يۈز-كۆزى قاسماقلاشقان ياش بىر قىز كەنتىمىزگە سەرگەردان بولۇپ كېلىپ قاپتۇ. ئۇ كىمنىلا كۆرسە ساراڭلارچە كۈلىدىكەن. شۇڭا كەنتتىكى خوتۇنلار ھەمىشە ئۇنىڭغا تۈكۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن. بەزىلەر تېخى ئۇنى بىر نەچچىنى تېپىپ، بۇ يەردىن يوقال، دەپ تىللايدىكەن. بىراق، ئۇ كەتمەپتۇ، بۇرۇنقىدەك ساراڭلارچە كۈلۈپ، كەنت ئىچىدە چۆرگىلەپ يۈرۈپتۇ. شۇ چاغدا مېنىڭ دادام 35ياشقا كىرگەنىكەن. ئۇ بۇرۇن تاشچىلىق مەيدانىدا ئىشلىگەن ۋاقىتتا سول قولىنى ماشىنا ئۈزۈۋەتكەنىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا ئۆيلىنەلمىگەن ئىكەن. مومام ھېلىقى قىزنى خېلى ئىسكەتى بار ئىكەن، دەپ ئويلاپ، جەمەتىمىزنىڭ ئۇرۇق-نەسەبىنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇ قىزنى دادامغا ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەپتۇ. دادام ئانچە خالاپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاپ، چىشىنى چىشلەپ ماقۇل بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام بىر تىيىن خەجلىمەي ئۆيلىنىۋاپتۇ.

ئانام مېنى تۇغقان ۋاقىتتا مومام مېنى قولىغا ئېلىپ، نەچچە تاللا چىشى قالغان ئاغزىنى ماكىلدىتىپ كۈلۈپ:«بۇ ساراڭ خوتۇن ماڭا بىر ئوغۇل نەۋرە تۇغۇپ بەردىغۇ»دەپ خۇشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ئىكەن. شۇغىنىسى، مومام تۇغۇلۇشۇم بىلەنلا مېنى ئېلىۋېلىپ، ئانامنى ماڭا يېقىن كەلتۈرمىگەن ئىكەن.
ئانامنىڭ مېنى بەكلا باغرىغا باسقۇسى بار ئىكەن، نۇرغۇن قېتىم مومامغا يېلىنىپ: «ماڭا… ماڭا بېرىڭ…» دەپتىكەن، مومام پەرۋا قىلماپتۇ. ئۇ چاغدا مەن كىچىككىنە بىر پارچە گۆش تۇرسام، ناۋادا ئانام ئېھتىياتسىزلىقتىن مېنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟ نېمىلا دېگەنبىلەن ئانام ساراڭ خوتۇن-دە. ھەر قېتىم ئانام مېنى كۆتۈرۈش تەلىپىنى قويغاندا، مومام ھامان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ:«بالىنى ئالىمەن دەم خام خىيال قىلما، ساڭا ھەرگىز بەرمەيمەن. ئەگەر ئوغرىلىقچە بالىنى كۆتۈرگىنىڭنى كۆرۈپ قالىدىغان بولسام، سېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن. ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ، سېنى بۇ يەردىن ھەيدىۋېتىمەن» دەپ ئاچچىقلايدىكەن. مومام بۇ گەپلەرنى بەكلا كەسكىن ئېيتىپتۇ. ئانام مومامنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنىپ ناھايىتى قورقۇپتۇ. ئۇ ھەردائىم ماڭا يىراقتىن قاراپ تۇرىدىكەن. گەرچە ئانامنىڭ كۆكسى ناھايىتى چىڭقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ سۈتىنى ئازراقمۇ ئېمەلمىگەن ئىكەنمەن. مېنى مومام بىر قوشۇق-بىر قوشۇقتىن تاماق يېگۈزۈپ چوڭ قىلغان ئىكەن. مومامنىڭ دېيىشىچە، ئانامنىڭ سۈتىدە «ساراڭلىق كېسىلى» بارمىش، ماڭا يۇقۇپ قالسا بولماسمىش.
شۇ چاغلاردا ئائىلىمىز يەنىلا نامراتلىق پاتقىقىدا تىركىشىۋاتقان ئىكەن. بولۇپمۇ، بۇ ئائىلىگە مەن بىلەن ئانام قېتىلغاندىن كېيىن، مومام ئانامنى ھەيدىۋېتىش قارارىغا كەپتۇ. چۈنكى ئانام ئۆيدە ئىش قىلماي »قاچا بىكارلاپ«لا قالماستىن، يەنە تېخى پات-پات ئىش تېرىپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى مومام ئانامغا ئۆز قولى بىلەن لىق بىر قاچا ئاش ئۇسۇپ بېرىپ:
— كېلىنىم، ئائىلىمىز بەك نامرات، مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن. بۇ بىر قاچا ئاشنى يەپ بولغاندىن كېيىن باياشاتراق بىر ئائىلىگە بېرىپ جان بېقىڭ، قايتىپ كەلمەڭ، — دەپتۇ. ئانام ئەمدىلا بىر كاپام ئاشنى ئاغزىغا سالغانىكەن. ئۇ مومامنىڭ »مېھماننى ئۇزىتىش بۇيرۇقى«نى ئاڭلاپ ئاغزىدىكى ئاشنىمۇ يۇتۇۋېتەلمەپتۇ. ئۇ مومامنىڭ قۇچىقىدىكى ماڭا قاراپ تازا ئېنىق بولمىغان تەلەپپۇزدا: «ياق، ئۇنداق قىلمىسىلا…» دەپ نالە قىپتۇ. مومام شۇ ھامان چىرايىنى تۈرۈپ، ئائىلە باشلىقلىرىغا خاس ھەيۋە بىلەن:
— ھۇ ساراڭ خوتۇن، نېمىگە جاھىللىق قىلىسەن-ھە؟ يەنە جاھىللىق قىلىدىغان بولساڭ ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيسەن. سەن ئەسلىدىنلا بىر كەلگۈندى ئىدىڭ، سېنى ئېپقېلىپ ئىككى يىل باقتىم، يەنە قانداق قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟ تامىقىڭنى يەپ بولۇپ كەت، ئاڭلىدىڭمۇ؟ — دەپتۇ-دە، ئىشىكنىڭ ئارقىسىدىن بىر جۆتۇنى ئېلىپ يەرگە قاتتىق ئۇرۇپتۇ. ئانام قورقۇپ كېتىپ، مومامغا ئۆتۈنگەندەك قاراپتۇ ۋە ئارقىدىن ئالدىدىكى تاماق قاچىسىغا قارىۋاپتۇ، كۆز ياشلىرى ئاپئاق گۈرۈچ تامىقىغا تاراملاپ چۈشۈپتۇ. ئانام توساتتىن غەلىتە بىر ئىشنى قىپتۇ: ئۇ قولىدىكى قاچىدىكى ئاشنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يەنە بىر بوش قاچىغا بۆلۈپ قويۇپ، مومامغا بىچارىلەرچە قاراپتۇ.
مومام داڭقېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ ئەسلىدە ئانامنىڭ مومامدىن ھەر ۋاخ تاماقتا پەقەت يېرىم قاچىلا يەيمەن، مېنى قوغلىۋەتمىسىڭىز، دەپ ئۆتۈنگىنى ئىكەن. مومامنىڭ يۈرىكى يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىپ كېتىپتۇ. چۈنكى، ئۇمۇ ئايال-دە، ئۇ بايىقى قاتتىق-يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى ئامالسىز ئىشلەتكەن ئىكەن. مومام كەينىگە ئۆرۈلۈۋېلىپ، كۆز يېشىنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈۋېتىپتۇ. ئارقىدىن يەنە قاپىقىنى تۈرۈپ:
— تامىقىڭنى تېز يە، يەپ بولغاندىن كېيىن بۇ يەردىن كەت! — دەپتۇ.
ئانام قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپتۇ، ھەتتا ئالدىدىكى يېرىم قاچا ئاشنىمۇ يېمەستىن، سەنتۈرۈلگىنىچە مېڭىپ ئىشىكتىن چىقىپتۇ. ئەمما ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇۋېلىپ خېلىغىچە كەتمەپتۇ. مومام يۈرىكىنى تاشتەك قاتتىق قىلىپ:
— كەت، كەتكىن، ئەمدى ئارقاڭغا قارىما، — دەپ ۋارقىراپتۇ.
لېكىن ئانام يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئىككى قولىنى مومامغا سۇنۇپتۇ. ئەسلىدە ئانامنىڭ مېنى باغرىغا بىر بېسىۋالغۇسى بار ئىكەن. مومام سەل ئىككىلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا زاكىدىكى مېنى ئانامغا بېرىپتۇ. ئانام مېنى تۇنجى قېتىم قۇچىقىغا ئالغاچقا، خۇشاللىقتىن چىرايى گۈلدەك ئېچىلىپ كېتىپتۇ. لېكىن مومام خۇددى چوڭ دۈشمەن ئالدىدا تۇرغاندەك، ئانامنىڭ ساراڭلىقى يەنە تۇتۇپ قالسا، مېنى ئەخلەتنى تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىشدىن قورقۇپ، ئىككى قولى بىلەن مېنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. ئانامنىڭ مېنى كۆتۈرگەن ۋاقتى ئۈچ مىنۇتقا يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مومام تىت-تىت بولۇپ مېنى تارتىۋېلىپ، دەرھال ئىشىكنى يېپىپ ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ.
مەن ئانچە-مۇنچە ئىش ئۇققان چېغىمدا، مەندىن باشقا ھەممە بالىلارنىڭ ئانىسى بارلىقىنى بايقىدىم. مەن ئانامنى دادامدىن، مومامدىن سورىدىم، ئۇلار ماڭا:«سېنىڭ ئاناڭ ئۆلۈپ كەتكەن» دەپ جاۋاب بېرىشتى. لېكىن باشقا بالىلار ماڭا:«سېنىڭ ئاناڭ ساراڭ خوتۇن، ئۇنى موماڭ قوغلىۋەتكەن»دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن مومامغا ئانامنى تېپىپ بەر، دەپ غەلۋە قىلدىم، يەنە ئۇنى «زالىم موما» دەپ تىللىدىم، ھەتتا ئۇ ماڭا سۇنغان تاماقنى يەرگە تۆكۈۋەتتىم. شۇ چاغلاردا مېنىڭ كاللامدا«ساراڭ» دەيدىغان ئۇقۇم بولمىغاچقا، ئۇنى بەكلا سېغىناتتىم. ئۇنىڭ چىرايى قانداقتۇ؟ ھازىر ھاياتمىدۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلاتتىم. ئويلىمىغان يەردىن، مەن ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە بەش يىل بولغان ئانام تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدى. شۇ كۈنى بىر نەچچە دوستۇم ئۆيگە يۈگۈرۈپ كېلىپ، ماڭا خەۋەر يەتكۈزدى:
— شياۋشۇ، چاققان بېرىپ قاراپ باق، ئاناڭ قايتىپ كەپتۇ، ساراڭ ئاناڭ قايتىپ كەپتۇ!
مەن خۇشاللىقىم ئىچىمگە پاتمىغان ھالدا سىرتقا قاراپ چاپتىم، ئارقامدىن دادام بىلەن موماممۇ ئەگەشتى. بۇ مېنىڭ ئېسىمنى بىلگەندىن بۇيان ئانامنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. ئۇنىڭ كىيىملىرى جۇل-جۇل، چاچلىرى سالۋارىغان ئىدى. نەدىكى قۇرۇق چۆپ دۆۋىسىدە ئۇخلىدىكىن، چېچىغا چۆپ ئۇۋاقلىرى چاپلىشىپ قالغانىدى. ئۇ ئۆيگە كىرىشكە پېتىنالماي، كەنت خامىنىدىكى تاش تۇلۇقتا بىزنىڭ ئۆيگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا مەينەتلىشىپ كەتكەن شار بار ئىدى. مەن بىر توپ دوستلىرىم بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان ۋاقىتتا، ئۇ ئارىمىزدىن ئوغلىنى — مېنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئانام ئاخىر ماڭا تىكىلدى، كۆزلىرى تېشىلگۈدەك تىكىلدى-دە، ئاغزىنى قىيسايتىپ ئىسمىمنى چاقىردى:
— شياۋشۇ… شار… شار!
ئو ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىدىكى شارنى توختىماي پۇلاڭلاتقىنىچە، ياخشىچاقلىق بىلەن قولۇمغا تۇتقۇزماقچى بولدى، لېكىن مەن ھەدەپ ئارقامغا چېكىنىشكە باشلىدىم. مەن بەكلا ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم. ئەجەبا كېچە-كۈندۈز دىدارىنى سېغىنغان ئانامنىڭ ھالى مۇشۇمىدۇ؟ بىر بالا بىر چەتتە تۇرۇپ:
— شياۋشۇ، ساراڭنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلگەنسەن؟ سېنىڭ ئاناڭ مۇشۇنداق، — دەپ ئوغامنى قاينىتىۋەتتى.
مەن ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن:
— ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاناڭ! سېنىڭ ئاناڭ ساراڭ، سېنىڭ مۇشۇنداق! — دەپ ۋارقىرىدىم-دە، كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا قاچتىم. بۇ ساراڭ خوتۇن ماڭا كېرەك ئەمەس! دادام بىلەن مومام مېنى ئۆيگە ئەپكىرىۋالدى. ئەينى يىلى مومام ئانامنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، قاتتىق ۋىجدان ئازابى تارتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنسېرى قېرىپ كېتىۋاتقاچقا باغرى تاشلىق قىلالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا مومام ئۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىپ قالدى. لېكىن مەن بۇنى خالىمايتتىم. چۈنكى ئانام مېنىڭ يۈزۈمنى بەكلا تۆككەنىدى.
مېنىڭ ئەزەلدىن ئانامغا چىراي ئېچىپ قاراپ باققىنىم، ئۆزۈم خالاپ گەپ قىلغىنىم، ئۇنى بىرەر قېتىم »ئانا« دەپ چاقىرىپ باققىنىم يوق. مەن ئانامغا ھە دېگەندىلا ۋارقىراپ گەپ قىلاتتىم. ئۇ ئەزەلدىن مەن بىلەن جاۋابلاشمايتتى.
ئانام ئۆيدە بىكار يەپ ياتسا بولمايتتى، شۇڭا مومام ئۇنىڭغا بەزى ئىشلارنى ئۆگىتىش قارارىغا كەلدى. ئېتىزغا چىققان ۋاقىتتا، مومام ئۇنىمۇ بىللە كۆزىنى پىشۇرۇشقا ئەپچىقاتتى، ئۇ سەللا گەپ ئاڭلىمىسا يەيدىغان تايىقى تەييار ئىدى.
خېلى كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، مومام ئانامنى خېلى ئىش ئۇقۇپ قالدى، دەپ قاراپ، ئۇنى ئۆزى يالغۇز چوشقا ئوتى ئورۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئويلىمىغان يەردىن ئانام يېرىم سائەتتىلا ئىككى سېۋەت «چوشقا ئوتى» ئورۇپ كەپتۇ. مومام بۇنى كۆرۈپ ھەم جىددىيلىشىپ ھەم ئاچچىقلاپ كەتتى. ئانامنىڭ ئورۇپ كەلگىنى خەقنىڭ ئېتىزىدا تازا سۈتلىنىپ باشاق چىقىرىۋاتقان شال ئىدى. ئاچچىقتىن ئەرۋاھى ئۇچقان مومام ئۇنى «شال بىلەن چۆپنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ساراڭ خوتۇن…» دەپ تىللاپ كەتتى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى قانداق يىغىشتۇرۇشنى ئويلاۋاتقان چاغدا، شالنىڭ ئىگىسى يېتىپ كەلدى ۋە مومامنى «قەستەن شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتتىڭىز» دېدى. شۇ چاغدا مومامنىڭ ئاچچىقى شۇنداق كەلدىكى، قولىغا چىققان كالتەك بىلەن خەقنىڭ ئالدىدىلا ئانامنىڭ بېلىگە گۈرسۈلدىتىپ بىرنى سالدى:
— سەن ساراڭ خوتۇننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەيدىغان بولسام، ئەمدى ماڭا ئىش تېرىپ بەرگىنىڭنى بىر كۆرەي!…
ئانام گەرچە ساراڭ بولسىمۇ يەنىلا ئاغرىغاننى بىلىدىكەن، ئۇ ئۇياققا-بۇياققا سەكرەپ ئۆزىنى مومامنىڭ كالتىكىدىن دالدىغا ئالغاچ توختىماستىن «ياق…ياق…» دەپ نالە قىلاتتى. ئاخىر ھېلىقى كىشى بۇ ئەھۋالغا چىداپ تۇرالمىدى بولغاي:
— بولدى، بولدى، بىزمۇ سۈرۈشتۈرمەيلى. كېيىن ئۇنىڭغا ئوبدانراق كۆز-قۇلاق بولارسىلەر… — دەپ چىقىپ كەتتى. بۇ ماجرا بېسىلغاندىن كېيىنمۇ ئانام يەنىلا يەردە ئۆكسۈپ يىغلاپ ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا كۆزگە ئىلمىغان ھالدا قاراپ:
— سەن چۆپ بىلەن شالنىمۇ ئايرىيالمايدىغان ھەقىقەتەن چوشقا ئىكەنسەن، — دېدىم. گېپىمنىڭ ئاخىرى چۈشمەستىنلا پاتىڭىمغا بىر شاپىلاق تەگدى. مومام مېنى ئۇرغانىدى.
— ھۇ سولتەك، نېمە دەۋاتىسەن-ھە؟ ھەر قانچە بولسىمۇ، ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاناڭ جۇمۇ! — دېدى مومام ماڭا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.
— مېنىڭ بۇنداق ساراڭ ئانام يوق! — دېدىم مەن پەرۋامۇ قىلمىغان ھالدا ئاغزىمنى پۈرۈشتۈرۈپ.
— ھىھ! سەن بارغانچە ھەددىڭدىن ئېشىپ كېتىۋاتىسەنغۇ، ئەدىپىڭنى بەرمىسەم قارا! — مومام شۇنداق دەپ قولىنى يەنە كۆتۈرۈۋىدى، ئانام ئولتۇرغان ئورنىدىن پۇرژىنىدەك سەكرەپ تۇردى-دە، مومام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ بېشىنى كۆرسىتىپ: «مېنى ئۇرۇڭ، مېنى ئۇرۇڭ»دەپ توۋلاپ كەتتى.
مەن بىلدىم، ئانام مېنىڭ ئورنۇمدا تاياق يېيىشكە رازى بولۇۋاتقانىدى. مومامنىڭ ھاۋاغا يېرىم كۆتۈرۈلگەن قولى شاپپىدە توختىدى ۋە ئۆز-ئۆزىگە «بۇ ساراڭ خوتۇنمۇ بالىسىغا كۆيۈنۈشنى بىلىدىكەن!» دەپ پىچىرلىدى.
مەن مەكتەپكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، دادامنى قوشنا كەنتتىكى بېلىقچىلىق كەسپىي ئائىلىسى بېلىق كۆلچىكىگە قاراپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ ئەكەتتى. دادام بۇ ئىشتىن ئېيىغا 50يۈەن كىرىم قىلاتتى. ئانام يەنىلا مومامنىڭ يېتەكلىشىدە سىرتقا ئىشلىگىلى چىقاتتى، ئۇ ئاساسلىقى چوشقا ئوتى ئورۇيتتى. لېكىن ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن زادىلا ئىش چىقىرىپ باقمىدى.
ئېسىمدە قېلىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىش كۈنى توساتتىن قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى. مومام ئانامنى ماڭا كۈنلۈك ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتىپتۇ. ئۇ يول بويى بىر نەچچە قېتىم يىقىلغان بولسا كېرەك، كىيىملىرى پاتقاققا مىلىنىپ كەتكەنىدى. ئۇ سىنىپىنىڭ دېرىزىسى يېنىدا:«شياۋشۇ…كۈنلۈك…» دېگىنىچە ھاماقەتلەرچە كۈلۈپ تۇراتتى. بىر نەچچە ساۋاقدىشىم مازاق قىلىپ كۈلۈپ كېتىشتى. ئۇلارغا باش بولغىنى شياۋفەن بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ ئەدەپ ئانامنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ دورىغىلى تۇرغاندا، ئالدىمدا تۇرغان قەلەم قاپچۇقىنى ئېلىپلا ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتىم. ئۇ ئالدىمغا ئېتىلىپ كېلىپ گېلىمنى بوغدى، ئىككىمىز تۇتىشىپ كەتتۇق. مېنىڭ بويۇم پاكار بولغاچقا ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتىم. شۇڭا ئۇ مېنى ئاسانلا ئاستىغا بېسىۋالدى. بۇ چاغدا سىنىپنىڭ سىرتىدىن «ھاي-ھاي» قىلىپ نەرە تارتقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئانام خۇددى ئايال پالۋاندەك ئېتىلىپ كىردى ۋە شياۋفەننىڭ ياقىسىدىن ئېلىپلا سىرتقا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. «ساراڭنىڭ كۈچى زور» دېگەن گەپ يالغان ئەمەسكەن جۇمۇ. ئۇ شياۋفەننى ئىككى قولى بىلەن بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈۋالدى. شياۋفەن بولسا قورققىنىدىن «ۋاي ئانا، ۋاي دادا» دەپ يىغلايتتى، سېمىز كەلگەن پۇتلىرى بوشلۇقنى قالايمىقان تېپەتتى. ئانام ئۇنىڭ يىغا-پەريادىغا پىسەنت قىلماستىن، ئۇنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى سۇ كۆلچىكىگە تاشلىۋېتىپ گەپ قىلماي كېتىپ قالدى.
ئانام مېنى دەپ چوڭ بالا تېرىغانىدى، لېكىن ئۆزى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرەتتى. ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا بۇرۇنقى تارتىنچاق ھالىتىگە قايتىپ، ماڭا ياخشىچاقلىق بىلەن قارايتتى. مەن بۇنىڭ ئانا مېھرى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. گەرچە ئۇنىڭ روھىي ھالىتى بىنورمال بولسىمۇ، ئەمما ئانىلىق مېھرى ساپ ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئوغلىنى باشقىلار بوزەك قىلغانىدى. شۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنى باسالمىغان ھالدا: «ئانا!» دەپ توۋلىدىم. بۇ مېنىڭ تىلىم چىققاندىن بۇيان ئۇنى تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق چاقىرىشىم ئىدى. ئۇنىڭ بەدىنى سىلكىنىپ، ماڭا ئۇزاققىچە قاراپ كەتتى، ئارقىدىن خۇددى كىچىك بالىدەك ئۇيالغىنىدىن يۈزلىرى قىزىرىپ جىلمايدى ۋە گومۇشلارچە كۈلۈپ كەتتى. شۇ كۈنى ئانا-بالا ئىككىمىز تۇنجى قېتىم بىر كۈنلۈكنى تەڭ تۇتۇپ ئۆيگە قايتتۇق. مەن بۇ ئىشنى مومامغا دەپ بېرىۋېدىم، ئۇ قورققىنىدىن ئورۇندۇققا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى، ئارقىدىن ئالدىراش-تېنەش بىرىنى دادامنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. دادام ئەمدىلا ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشىغا، قوللىرىغا كالتەك، پىچاق كۆتۈرگەن بىر توپ بەردەس ئەر كىشى باستۇرۇپ كىردى ۋە ئاق-قارىنى ئايرىماستىنلا قازان-قومۇچلارنى ئۇرۇپ چېقىۋەتتى. بۇ فەن ئائىلىسى چاقىرىپ كەلگەن كىشىلەر ئىدى. شياۋفەننىڭ دادىسى زەھەرخەندىلىك بىلەن دادامنىڭ بۇرنىغا نوقۇپ تۇرۇپ:
— بالام قورقۇپ كېتىپ ھازىرغىچە ئېسىنى بىلمەي دوختۇرخانىدا ياتىدۇ. ئەگەر سىلەر 1000يۈەن داۋالاش خىراجىتىنى چىقارمايدىغان بولساڭلار، ئۆيۈڭلەرگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمەن! — دېدى.
1000يۈەن! دادام ھەر ئايدا ئاران 50يۈەن تاپىدىغان تۇرسا! دادام ئەلپازىدىن ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرغان فەن ئائىلىسىدىكىلەرنى كۆرۈپ، كۆزلىرىگە ئاستا-ئاستا قىزىللىق تىقىلدى ۋە ناھايىتى قورقۇنچلۇق نەزەردە ئانامغا تىكىلىپ قارىدى-دە، بېلىدىكى كەمىرىنى شارتتىدە يېشىۋېلىپ، ئانامنىڭ باش-كۆزىگە ئايىماي ساۋىغىلى تۇردى. ئانام خۇددى جېنىنى ئېلىپ قېچىۋاتقان چاشقاندەك سەكرەيتتى، قاچاتتى. ئۇنىڭ چىرقىرىغان ئېچىنىشلىق ئاۋازى بىلەن كەمەر ئۇنىڭ بەدىنىگە تەگكەندىكى ئاۋازنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن. ئاخىرىدا ساقچىخانىنىڭ باشلىقى يېتىپ كېلىپ، دادامنىڭ بۇ زوراۋانلىقىنى توسۇپ قالدى. ساقچىخانا مۇرەسسە قىلىپ، «ئىككىلا تەرەپكە زىيان بولغان، ھېچكىم ھېچكىمگە قەرز ئەمەس، كىم يەنە جېدەل چىقارسا، شۇنى تۇتىمىز!» دەپ جىدەلنى بېسىقتۇردى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، دادام بىردە ئۆيگە بىر كەلگەن قازان-قومۇچ سۇنۇقلىرىغا، بىردە يۈز-كۆزى يارىغا تولغان ئانامغا قاراپ، بىردىنلا ئانامنى قۇچىقىغا ئېلىپ ھۆركىرەپ يىغىلىۋەتتى:
— ساراڭ خوتۇن، سېنى مەن خالاپ ئۇرمىدىم، سېنى ئۇرمىسام بۇ ئىش بىر ياقلىق بولمايدۇ، بىزنىڭ خەققە تۆلىگۈدەك پۇلىمىز يوق ئەمەسمۇ! — دادام يەنە ماڭا قاراپ، — شۇ ئېر، سەن جەزمەن ياراملىق ئادەم بول، بولمىسا بىز بىر ئۆمۈر خەققە بوزەك بولۇپ ئۆتىمىز! — دېدى. مەن دادامنىڭ گېپىگە بېشىمنى لىڭشىتتىم.
2000-يىلى يازدا مەن ئەلا نەتىجە بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم. ھاردۇق يېتىپ كېسەل چىرمىغان مومامنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ قىيىنلاشتى. خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئائىلىمىزگە پەۋقۇلئاددا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر قاتارىدا ھەر ئايدا 40يۈەن ياردەم پۇلى بېرىشى ۋە مەن ئوقۇۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلۇمنى مۇۋاپىق كېمەيتىپ بېرىشى بىلەنلا مەن ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتاتتىم.
مەكتەپتە قونۇپ ئوقۇيدىغان ھەم ئۆگىنىش ناھايىتى جىددىي بولغاچقا ئۆيگە ناھايىتى ئاز قايتاتتىم. دادام يەنىلا 50يۈەن ئۈچۈن مەدىكارلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا، ماڭا چىلىغان كۆكتات ئەكىلىپ بېرىش ۋەزىپىسى تەبىئىي ھالدا ئانامنىڭ زىممىسىگە چۈشكەنىدى. ھەر قېتىمدا قوشنا ئولتۇرىدىغان ھاممام چىلىغان كۆكتاتنى قورۇپ تەييار قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئانامنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتەتتى. ئانامنىڭ 20كىلومېتىرلىق ئۈچەيدەك تاغ يولىنى مەھكەم ئېسىدە تۇتۇۋالغىنىنى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولاتتى. ئىشقىلىپ مەن ئۈچۈن قىلىدىغان ئىش بولسىلا، ئانام ھېچقاچان ساراڭلىق قىلمايتتى. بۇ خىل ھادىسىنى ئانىلىق مېھىر دېيىشتىن باشقا، مېدىتسىنادا يەنە قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەيتتىم.
2003-يىلى 4− ئاينىڭ بىر يەكشەنبە كۈنى ئانام كەلدى. بۇ قېتىم ئانام ماڭا چىلىغان كۆكتاتتىن باشقا يەنە ئون نەچچە دانە ياۋا شاپتۇلمۇ ئالغاچ كەلگەنىدى. مەن شاپتۇلنى بىر چىشلەم چىشلەپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئانامدىن:
— بەك تاتلىقكەن، نەدىن ئالدىڭىز؟ — دەپ سورىدىم.
— مەن… ئۆزۈم تەرگەن… — دېدى ئانام. ئانامنىڭ تېخى ياۋا شاپتۇل تېرىشنى بىلىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن. مەن ئۇنى چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ ماختىدىم:
— ئانا، سىزنىڭ قولىڭىزدىن بارغانچە ئىش كېلىدىغان بوپتۇ.
ئانام ھى-ھىلاپ كۈلۈپ كەتتى.
ئانام ماڭىدىغان چاغدا، مەن بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭغا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدىم. ئانام «ئى…ئى» دېگىنىچە ماقۇل بولدى. مەن ئانامنى ئۇزىتىپ قويۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تەكرارغا يەنە كىرىشىپ كەتتىم. ئەتىسى سىنىپتا دەرس ئاڭلاۋاتسام، ھاممام ئالدىراپ-تېنەپ مەكتەپكە كەلدى ۋە مەندىن ئانامنىڭ ماڭا چىلىغان كۆكتات ئەكەلگەن-ئەكەلمىگەنلىكىنى سورىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئانام تېخىچە ئۆيگە قايتىپ بارماپتۇ. شۇئان يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى. ئانام يولدىن ئېزىپ قالمىغاندۇ-ھە؟
— ئاناڭ ساڭا ھېچنېمە دېمىگەنمىدى؟ — سورىدى ھاممام. مەن ئۇنىڭ باشقا گەپ قىلمىغانلىقىنى، تېخى ماڭا ئون نەچچە تال ياۋا شاپتۇل ئالغاچ كەلگەنلىكىنى دەپ بەردىم. ھاممام شۇ ھامان ئىككى قولىنى بىر-بىرىگە ئۇرۇپ:
— ئاپلا، ئاپلا، چاتاق دەل شۇ ياۋا شاپتۇلدىن چىققاندەك قىلىدۇ، — دېدى.
ھاممام مېنىڭ ئورنۇمدا رۇخسەت سورىدى. بىز تاغ يولىنى بويلاپ ئىزدەشكە باشلىدۇق. يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن بىر نەچچە تۈپ ياۋا شاپتۇل دەرىخى بولۇپ، دەرەخ شاخلىرىدا ئاندا-ساندا ياۋا شاپتۇللار ئېسىلىپ تۇراتتى. بۇلارمۇ شاپتۇ دەرىخى تىك ياردا ئۆسكەنلىكى ئۈچۈنلا ساقلىنىپ قالغانىدى. بىز بىر دەرەخنىڭ شېخىنىڭ سۇنۇپ كەتكەن ئىزىنى بايقىدۇق، دەرەخنىڭ ئاستى يۈز غۇلاچتىن ئاشىدىغان ھاڭ ئىدى.
— بىز ئاستىغا چۈشۈپ قاراپ باقايلى!— دېدى ھاممام ماڭا قاراپ.
— مېنى قورقۇتماڭ، ھامما… — دېدىم مەن. ھاممام مېنىڭ قولۇمدىن تارتىپ جىلغا ئىچىگە قاراپ ماڭدى…
ئانام جىلغا ئاستىدا جىمجىت ياتاتتى، ئەتراپىدا بىر نەچچە تال شاپتۇل چېچىلىپ ياتاتتى، قولىدا تېخى بىر شاپتۇلنى مەھكەم سىقىمدىۋالغانىدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قانلار ئاللىقاچان ئۇيۇپ قاپقارا رەڭگە كىرىپ قالغانىدى. ئازابتىن ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ، ئانامنى مەھكەم قۇچاقلىدىم:
— ئانا، مېنىڭ شور پېشانە ئانام. مەن بۇ شاپتۇلنى تاتلىقكەن دېمىسەم بوپتىكەن، سېنىڭ جېنىڭغا مەن زامىن بولدۇمغۇ ئانا…
مەن بېشىمنى ئانامنىڭ مۇزلىغان يۈزىگە يېقىپ، تاغۇ تاشلارمۇ لەرزىگە كەلگۈدەك ئېچىنىشلىق يىغلاشقا باشلىدىم…
2003-يىل 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئانام يەرلىكىگە قويۇلغان 100-كۈنى ئىدى. ئالىي مەكتەپنىڭ ئالتۇن يالىتىلغان چاقىرىق قەغىزى ئانام ماڭغان تاغ يوللىرىنى بېسىپ، ھېلىقى نەچچە تۈپ ياۋا شاپتۇل دەرىخىدىنمۇ ئۆتۈپ، كەنتنىڭ ئالدىدىكى خاماننى كېسىپ ئۆتۈپ ئۇدۇل ئۆيىمىزگە »ئۇچۇپ« كىردى. مەن بۇ كېچىكىپ كەلگەن چاقىرىق قەغىزىنى ئانامنىڭ غېرىبانە تۇپراق بېشىغا قويدۇم:
— ئانا، ئوغلىڭىز ياراملىق ئادەم بولدى، ئاڭلاۋاتامسىز؟ سىز ئۇ ئالەمدە خاتىرجەم ياتقايسىز!
(خەنزۇچە«شىنخۇا تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 22-سانىدىن)


每个人都有娘,我也有,可我娘是个疯子。
我们全家至今都不知道娘是哪里人,叫什么名字,又为何疯掉。
二十三年前,一个年轻女子流浪到我们村里,衣衫破烂、蓬头垢面,见到人只会傻笑。村里人朝她吐口水,驱赶她,她却不肯离开,依旧在村子里游荡。
那时父亲三十五岁,早年在石料厂做工,左手被机器绞断,家里贫寒,一直娶不上媳妇。奶奶见这名女子模样尚可,心里盘算,收留她给父亲传下香火,日后再做打算。就这样,流浪的疯女人,成了我的娘。
娘生下我的那天,奶奶抱着襁褓中的我十分欢喜:“这疯婆娘,还给咱家生了个带把的孙子!”可我刚出生,奶奶就立刻把我抱走,绝不允许娘靠近。娘一遍遍伸着手,含糊地念叨:“给,给我……”奶奶厉声呵斥:“不准抱孩子!万一失手摔了他,我就把你赶出家门!”娘吓得不敢上前,只能远远望着我。
她奶水充盈,却从来不能哺育我,奶奶固执地认为,疯子的奶水会把病传给孩子。我是靠着米糊一点点喂大的。
家里本就清贫,多了疯娘之后日子更加艰难。奶奶下定决心,要把娘送走。那天,奶奶盛了满满一碗米饭递给她:“家里实在养不起你,吃完这碗饭,你走吧。”娘低着头,眼泪一滴滴落在米饭上。她默默把碗里大半米饭拨到空碗里,眼巴巴望着奶奶,她在用动作恳求:我少吃一点,只求不要赶走我。奶奶心头一酸,却依旧硬起心肠。
娘最终没有吃饭,踉踉跄跄走出家门,久久伫立在门口不肯离去。最后她走上前,伸出双手想要抱一抱我。奶奶迟疑片刻,还是把襁褓递了过去。娘抱着我,傻傻地笑,眼泪不断滚落。短暂相拥之后,她才一步三回头离开了村子。
本以为再也见不到娘。可没过几天,她竟然又找了回来,身上揣着几个捡来的野果子,全都塞给我。自那以后,奶奶再也没有提过赶走她的话。
我慢慢长大,常常因为有一个疯娘受尽同学嘲笑。有一回,娘分不清禾苗和野草,在田里把秧苗当成杂草拔掉。我又气又恼,当众骂她:“草和稻子都分不清,你真是一头猪!”奶奶抬手就要打我,娘却猛地冲上来挡在我身前,指着自己的脑袋,示意奶奶打她,不要责怪我。奶奶扬起的手缓缓落下,低声叹息:这个疯婆娘,心里唯独疼着自己的孩子。
上小学三年级的一个雨天,奶奶安排娘送伞到学校。娘一路上摔了好几跤,浑身沾满泥水,趴在教室窗边望着我傻笑,嘴里喊着:“伞!伞!”班里同学哄堂大笑,不停取笑我。我羞愧难当,冲出教室狠狠推开娘,让她赶紧走。娘不知所措,默默转身走进雨幕。放学时,我看见她依旧守在村口,浑身冻得发抖,手里紧紧护着另外一件干衣服,等着给我换上。
后来我考上高中,奶奶病逝,父亲外出打工。每个周日,娘都会徒步二十公里山路,给我送来咸菜干粮。奇怪的是,平日里疯疯癫癫的她,只要是为我奔波,思路格外清晰。
又是一个周末,娘如期赶来,除了饭菜,还带来十几个野桃子。我咬了一口,夸赞桃子很甜。娘听见夸奖,笑得十分开心。
第二天,邻居婶婶急匆匆赶到学校,神色慌张:“你娘昨天回家,到现在还不见人影!”我心里一沉,沿着山路往家寻找。走到一处陡峭悬崖边,我们看见崖壁桃树的枝丫被折断。等下到谷底,我看见娘静静躺在乱石之间,冰冷的手里,还死死攥着一颗没有送出去的桃子。
原来,她想摘更多野桃带给我,攀爬悬崖时失足坠落。
所有人都说娘是疯子,一辈子糊涂。可只有我知道,她所有清醒与勇敢,全部都是为了我。


站长
内容作者
专注分享实用内容与资源,欢迎关注或私信交流。
请先 登录 再评论