بولدى، قال...
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
ئايرىلىپ كەتسەكلا تۈگەيدىغان ئىش،
نېمىگە ئاشۇنچە قەھرىڭ تاشاتتى؟
ھاياتتىن دىل غەشلىك ئىزدىسەك ئەگەر،
تۇرمۇشنىڭ ۋاڭ- چۇڭى يېتىپ ئاشاتتى.
ھېلىمۇ ئاپىرىن بەرداشلىرىڭغا،
تىرنىقىم گېلىڭدا ياشىدىڭ ئۇزاق.
چىشلىرىڭ غۇچۇرلاپ كەتكەن مەھەلدە،
ئويلاپ قوي، مۇھەببەت ئەسلىمۇ توزاق.
ئۈنلۈك دە خەپلەرنى ئىچىڭگە يۇتماي،
بۇ ئاچچىق ئۆتۈڭنى يېرىپ قويمىسۇن.
كۆزۈڭدىن تاشالماي ئۇۋالچىلىقلار،
كۆڭلۈڭگە بىھۇدە نەپرەت تولمىسۇن!
سىقىلما، تۈگەيدۇ جىدەللىرىممۇ،
كېتىمەن مۇھەببەت قۇرۇغان يەردىن.
ئازادلىق ئىزدىسەڭ ئىككىمىز ئارا،
كۆكلەپمۇ قالارسەن ۋاز كېچىشلەردىن...
سۈكۈتنى تاللىدىم بىلمىگەن بولساڭ،
چىن سۆيگەن بولاتتى سوقۇشقان ئايال.
ئارتۇقچە ھېس قىلساڭ ئەركىلىكىمنى،
بەھوزۇر ياشاپ قال يالغۇز، بىمالال!
2026-9-23 خوتەن، ئەتىرگۈللۈكى
评论0
还没有评论,来抢占沙发吧~