مۇز قەلەم || بىز ئۇنچە چوڭقۇر سۆيمەيمىز


بىز ئۇنچە چوڭقۇر سۆيمەيمىز


دىلنۇر تۇنىياز مۇزقەلەم


ۋەدە بېرەي سەندىن ئايرىلمايمەن دېدىڭ.

مەنمۇ سەنسىز ياشىيالمايدىغانلىلىمنى ئېيتتىم.

ۋەدەمدىن تانسام چاقماق سوقسۇن دېدىڭ.

سەنسىز كۈنۈم ئۆلۈم كۈنۈم بولسۇن دېدىم.

نېمىدىگەن گۈزەل ۋەدىلەر  -ھە!

ئەمما

سېنى چاقماق سوقمىدى،

مەن ھەم ئۆلمىدىم.


سەندىن باشقىلارغا قارىغان كۆزۈم كور بولسۇن دېدىڭ-يۇ،

قارىغۇ بولمىدۇڭ.

كۆزۈڭدىن ياش ئاققۇزسام ئوغۇل بالا بولماي كېتەي دېدىڭ

ئەمما،

ئەر نامىدا ھېلىھەممۇ ياشاپ تۇرۇپسەن.

سەنسىز بەختلىك بولالمايمەن دېگەنىدىم-يۇ،

باشقا بىر بەخت ئېشىكىمنى چېكىۋېتىپتۇ...

سەن بىلەن توي قىلمىسام بىر ئۆمۈر يالغۇز ئۆتىمەن دېگەندەك قىلغانتىم،

مانا ئەمدى كىم بولسا مەيلى دەپ ئۆيدىكىلەرنىڭ رايىغا بېقىپ تۇرۇپتىمەن.

دېمەك

ئىككىلىمىز يالغانچىكەنمىز!

راستچىللىق بىلەن سۆيمەپتىمىز،

ئانچە كۆڭۈل بەرمەپتىمىز!


لېكىن قانداقلا ئويلىسام،

سەن ئازراق بولسىمۇ چىن كۆڭلۈڭنى بەرگەندەك.

بىرەر كۈن كۆرۈشمىسەك نەپەس ئېلىشىڭ تەس بولاتتى،

قولۇمغا يىڭنە سانجىلسىمۇ ئازراقلا ئۈمچىيىپ قويسام، نەچچە كۈنگىچە بىئارام بولۇشىڭغا شۇنچىلىك ئېشىنەتتىم.

لېكىن سەن ئېيتقىنىڭدەك-

مېنى مەڭگۈ سۆيمىدىڭ.

يېرىم يولدا يالغۇز قويدۇڭ.

مەنمۇ ھەم شۇ ۋاقىتلاردا سېنى راستىنلا بەك ياخشى كۆرۈپ باققاندەك قىلاتتىم.

سەنسىز چوقۇمكى ئۆلۈپ قالاتتىم،

ئەگەر ئايرىلىپ كەتسەك

كېمدۇر بىرلىرىنىڭ

قايتا- قايتا تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ،

ئۆيدىكىلەرنىڭ تاللىشىغىمۇ قارشى چىقاتتىم.


ئەمما ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى

بىز ئۇنداق ئۇلۇغ سۆيۈشلەرنى سۆيەلمەيدىكەنمىز.

ۋەدىلىرىمىز يالغانغا ئايلىنىدىكەن.

يۈرىكىمىزدە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان ئادەملەرنى يەنە شۇ يۈرەكنىڭ تەكتىگە كۆمىدىكەنمىز.

ۋاقىت ئۇزارسا

مۇھىم بىلگەن نەرسىلىرىمىزدىن ۋاز كېچىدىكەنمىز.

خۇددى سەن مەندىن

مەن سەندىن

ۋاز كەچكەندەك…


2024-1-28-7



扫描二维码,在手机上阅读

كومپىيوتىر ئۈستەل يۈزىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلىدىكى خەتلەرنى سۈزۈش دىتالى - 识字软件

FastStone يىشىۋىتىلگەن ھەقسىز نۇسقىسى

باھا
كىرگەندىن كىيىن باھا يازالايسىز!